خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىشكە ۋە «يەرلىكلەر» بىلەن توي قىلىشقا چاقىرماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىشكە جەلپ قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېلان قىلماقتىكەن.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلار تەمىنلىنىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلار ھەققىدە بىر پارچە يوللانما پەيدا بولغان. 

ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بىرىنچى دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق ئارال شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغانلارنىڭ 50 مو يەر بىلەن تارتۇقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر سىياسەت بەلگىلىگەن. ئۇنىڭدا يەنە، ئەگەر كۆچۈپ كەلگەن كىشى يەرلىك مىللەتلەردىن خوتۇن ئېلىپ ئۆيلەنسە يەنە 50 مو يەر قوشۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، 70 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەر خىتايدىكى تور بەتلەردە زور قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلىلار ھەتتا «مىللەتلەر مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى دەل مۇشۇنداق ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت» دېگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرى» غا قامىغان بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلارغا تېگىشكە تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە. 

ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلېر مۇشۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنى جەمئىيەتتىن سۈپۈرۈپ تاشلاش، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈرۈش، ئەكسىچە خىتاي ئەرلىرىنى يوشۇرۇن پۇل ياردىمى، ياخشى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق سۇنئىي بەرپا قىلىنغان مۇھىت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلارغا توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ھەتتا قىسىمەن ئەھۋاللاردا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان ئالغان جىنسىيەت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جىنسىي نىشانىغا ئايلىنىشى، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت