ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ سەھىيە خادىملىرىنىڭ سانىنى ئىزچىل كۆپەيتىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كۈندىلىك گېزىتى 20-ئاۋغۇست تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق بىڭتۇەندە ھازىر 9943 نەپەر دوختۇر بارلىقى ۋە ھەر 1000 ئادەمگە 3 نەپەردىن كەسپىي دوختۇر توغرا كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردىن قارىغاندا، بىڭتۇەن ھازىر بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دىۋىزىيەلىرىدە دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خەۋەردە جەنۇبتىكى دىۋىزىيەلەرگە تەۋە دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ھەرخىل دەرىجىدىكى ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىڭتۇەننىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىكى تەرەققىياتنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. بىراق بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت گېزىتى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستىلىق سەھىيە مەكتىپى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىن 2200 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار سېسترا، تۇغۇت ئانىسى، دورىگەرلىك، يېزا تېبابىتى، داۋالاش تەجرىبىخانىسى تېخنىكىسى، خىتاي تېبابىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بىڭتۇەننىڭ سەھىيە ساھەسى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تەييارلىقلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تاجىىسمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئوخشاش جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇپ، كورلا تەۋەسى ۋە جەنۇبتىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلارغا زور تۈركۈمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت