بىڭتۇەن سىستېمىسى سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئوڭلاشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن 7-دېىۋىزىيەسىگە قاراشلىق 128-پولك يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك سودىگەر چاقىرىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پولك كوماندىرى لى شىنچېڭ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە «بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئەڭ ياخشى سودا ۋە تىجارەت مۇھىتى يارىتىش، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش» نى تەكىتلىگەن. خەۋەردە بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «سودىگەر ۋە مەبلەغ چاقىرىش» شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدا يېمەك-ئىچمەك، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئاساس قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا بىڭتۇەندە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بۇ ھالنىڭ يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىڭتۇەننى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىڭتۇەن بىلەن چېتىشلىقى بولغان مىڭلىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتتىن چەكلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ھالنى بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتە مەبلەغ جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دېيىشكە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت