ئۇيغۇر رايونىدا بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ خىل رولى» كۈچەيتىلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-23
Share

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 23-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېيتقان «بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۇلۇغ نىشان قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ،» دېگەن سۆزى مۇھىم يوليورۇق سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. «2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەندىن «مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى ساقلاش» تەك ئۈچ خىل رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بىڭتۇەننىڭمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ يىللاردىن بېرى ئۆز كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تەسىرىنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ خەۋەردە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا شۇكى، بىڭتۇەندىكى خىتايلار «ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات» تەلىپى بويىچە، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە كۆپلەپ ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ تەسىر دائىرىسىنى چوڭايتقان. بىڭتۇەن تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئادەم تەشكىللەپ، نامرات ئاھالىلەرنى يوقلاپ، قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلىپ «پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى» نى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى بىڭتۇەنگە قېتىلىشنىڭ پايدىسى توغرىلىق ئاشكارا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى تېرىلغۇ يەر، سۇ ۋە كان بايلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىكەن. بۇ خەۋەردە بىڭتۇەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى، 2019-يىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 274 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 2014-يىلدىكىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاشۇرغانلىقى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شىخو ناھىيەسىگە قوشنا جايدا خۇياڭخې دېگەن ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەرنى قۇرۇپ چىققانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ 10 غا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.