چاغان مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ماڭدۇرۇلغان توك 15 پىرسەنتتىن ئاشقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.31

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرى ئەمدى توكتىمۇ ئۇيغۇر رايونىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 31-يانۋار چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، چاغان مەزگىلىدە سانجىدىن جىچۈەنگە، قومۇلدىن جېڭجۇغا ماڭدۇرۇلغان توك 1 مىليارد 600 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 15.45 پىرسەنت كۆپەيگەن. بۇ توك ئىچكىرىدىكى 5 مىليون 500 مىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق توك ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىل ئاچقان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆمۈر زاپىسى مول جايلاردا ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، كۆمۈرنى ئۆز جايىدا كۆيدۈرۈپ، توكىنى ئىچكىرىگە ماڭدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇپ، ھاۋاسىنى بۇلغاپ، يەرلىك ئاھالىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان سۇيقەستلىك پىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.