ئۇيغۇر دېھقانلىرى يامغۇر مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.06.02
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، ئىلى ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 7 ناھىيىنىڭ قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي خەۋەرلىرىدە تەخمىنەن 60 مىڭ ئاھالىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈر دەستىدىن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، ئېتىزلىقتىكى بۇغدايلار يېتىپ كەتكەنلىكى، ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 28.8 مىڭ گېكتار بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 160 مىليون سومغا يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
غۇلجا ناھىيىسىدىن مەلۇم بىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلى دىيارىدا يامغۇرلۇق كۈنلەرنىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقى سەۋەبلىك غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى توپا تاملىق ئۆيلەر ۋە مال ئېغىللىرىنىڭ ئاساسەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خانىم يەنە ئالدىنقى كۈنلەردىكى قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ كۈزگى ئاشلىقى ۋە ياغلىق زىرائەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بولۇپمۇ 28-مايدىن 30-مايغىچە داۋاملاشقان قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈردە دان تۇتۇش مەزگىلىدىكى بۇغداي، زىغىر ۋە قىچا قاتارلىق زىرائەتلەر پۈتۈنلەي يېتىپ كەتتى. دېھقانلار ھازىر كۈزلۈك يىغىمدىكى ئۈمىدىنى قوناقلىرىغا باغلىماقتا» دېدى.
رادىيومىزغا ئەھۋالنى بىلدۈرگەن دېھقانلار يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ تۇرماستىنلا خىشتىن ئۆي ياشاشقا كىرىشكەنلىكىنى، بۇ يىلقى چىقىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.









