خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتا يېڭى قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.31

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا، ئېتىقادقا قارىتا كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويغان. بەلگىلىمىلەردە بارلىق يېڭى ئىبادەت سورۇنلىرى «خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەر 1-فېۋرالدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىنىي باشقۇرۇش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قانچە غەرب ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. 2022-يىلى، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا «خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» ۋە «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» سادىر قىلغان دەپ جاكارلىغانىدى. .

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ 2020-يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى رېمونت قىلىش باھانىسى بىلەن كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن ۋە ئۈچتىن ئىككى قىسىم مەسچىتنى ئۆزگەرتكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ۋە لاگېر سىستېمىسىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن تېخىمۇ تېزلىتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىلى ئاممىۋى ھۆججەتلەر، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا تەييارلانغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرنى تاقاش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭەيتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.