ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى دىققەت قوزغىماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «سايلام» ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-04-13 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «سايلام» ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يېڭى خىزمەت نىزامنامىسىمۇ ماقۇللانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە ئئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئەمەلدارلار يېڭىدىن شەكىللەنگەن بۇ دىنىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قوبۇل قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ دىنىي زاتلاردىن «ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولۇش، ھالقىلىق پەيتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت نىزامنامىسىدىكى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە ھەسسە قوشۇش، خىتاي كىملىكى قارىشىنى مۇستەھكەملەش» دېگەنلەر بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا ئىكەن.
بۇ يىللىق رامزان ئېيى باشلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ «سايلام» ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالداش ھېلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار «ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر ئىسلام دىنىغا دائىر ھېچنەرسە قالمىغان، ئۇيغۇرلار رامزاندا چوشقا يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ساختا سايلامدىن بارلىققا كەلگەن ئازغىنە دىنىي زاتلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرەزلىرىگە قورال قىلماقچى بولۇشى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دېدى.