خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قالپىقى بىلەن ئادەم تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغان ئون كىشىنى ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي ئىشلار ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 12-ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتۇپ تۇرغان بۇ ئون كىشىنىڭ تىزىملىكى ئىچىدە ئۈچ ئۇيغۇر، بىر قازاق ۋە بىر قىرغىز بار ئىكەن. بۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبى «تور سۇپىسىنى ئىشلىتىپ ‹تېررورلۇقنى، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى ۋە بۆلگۈنچىلىكنى› تەرغىب قىلىدىغان رەسىم، سىن كۆرۈنۈش ۋە خەتلىك مەزمۇنلارنى ساقلىغان ۋە تارقاتقان» ئىكەن.

خەۋەردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار جىناي ئىشلار بويىچە، خىتايلار بولسا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىزىملىكنىڭ ئاستىغا تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى مەلۇم قىلغانلارغا سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق» نامىدا تۇتۇپ تەكشۈرۈشى رايوندا ئادەم تۇتۇش دولقۇنىنىڭ ئىزچىل كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت