رامىزاندا ئۈرۈمچىدىكى مەمۇرىي ئورگانلار مۇسۇلمان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، مەسچىتلەردە خۇپتەن، تاراۋى، بامدات نامىزىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان.
مەزكۇر ئۇچۇرنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ خادىمى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسچىتكە بېرىپ، تاراۋى ياكى بامدات نامىزىدا نۆۋەتلىك قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يېرىم كۈن دەم ئېلىش بېرىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھاياتىغا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. «شىنجاڭدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت خەلقى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرىنى ياشاۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
دائىرىلەر بۇ يىل رامىزاندا يەنە مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى، دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بەزى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ مۇسۇلمان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى چۈشلۈك زىياپەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.
سايباغ رايونىدىكى يۇقىرىقى مەمۇرىي خادىم، نۆۋەتلىك تۈزۈمىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، رامىزان جەريانىدا ھېچكىمنىڭ رۇخسەت سورىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاراۋى ياكى بامدات نامىزىدا نۆۋەتلىك قىلىدىغان ھەر بىر گۇرۇپپا ئوخشىمىغان ئورگانلارنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر نۆۋەتچى نامازخانلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىدارىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى نازارەت قىلىدىكەن.