ئەلجەزىرە ئاخبارات تورى بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆسمۈر-بالىلار توغرىلىق يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت نىشانى قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، چارشەنبە كۈنى شىنجاڭ گېزىتىدە مائارىپ توغرىلىق بىر يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار قىسمىدا بالىلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە رىغبەتلەندۈرگەن، قىزىقتۇرغان ياكى قىستىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەكلىكىنىڭ يېزىلغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ يىللاردىن بېرىقى ئۇيغۇرلارغا دىنىي جەھەتتىن بېسىم سالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆزىنى ئاقلىشى بىلەن بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ۋە جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئاتا-ئانىلار ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسەت ۋە مائارىپ تۈزۈمى سوراققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى مۇقىملىق مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى چارىسىز ئاممىغا دۆڭگىمەسلىككە ۋە ئۆز ئۈستىلىرىگە ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.
