ئەلھۇدۇد گېزىتى: «خىتاي مىڭ مۇھەممەدنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تېخى بىرىنىڭ رەسىمىنى سىزمىدى»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-11-18
Share

ئوتتۇرا شەرقتە چىقىدىغان «ئەلھۇدۇد» گېزىتى 18-نويابىر «خىتاي مىڭ مۇھەممەدنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تېخى بىرىنىڭ رەسىمىنى سىزمىدى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھەتتا ماقالىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «ئۇلار مىڭ مۇھەممەدنى ئۆلتۈرسىمۇ، مۇھەممەدلەرنى تۇغماقچى بولغان مىڭلىغان ئايالنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلسىمۇ، تۇغۇلماقچى بولغان مۇھەممەدلەرنى ئېلىۋەتسىمۇ مەيلى، لېكىن بىزنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزنى كەمسىتمىسە، مەسخىرە قىلمىسا ۋە ياكى پەيغەمبەرنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزمىسىلا بولىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز خىتاينىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە موھتاج. مەككىدىن قايتقان ھاجىلارغا خىتايدا ياسالغان جەيناماز، گىلەم ۋە كەئىبە ھەيكەللىرى بولمىسا بولمايدۇ».

نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان رەھبەرلىرى يېقىندا فرانسىيىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى «ئىسلام دىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق» قاتتىق ئەيىبلىدى. ھەتتا بۇ سەۋەبلىك بەزى كىشىلەرنىڭ «ئۆلۈمى ياكى قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى» كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

«ئەلھۇدۇد» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەدىكى كەسكىن توقۇنۇشلاردىن كېيىن بېيجىڭ دۇنيادىكى ئىككى مىليارد مۇسۇلماننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقىدىرىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىدىن ئەنسىرىگەن. بىر خىتاي ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلار بىر رەسىمگە مۇشۇنداق غەزەپلەنسە، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋەتكىنىمىزنى بىلگەندە ئۇلار نېمە قىلىۋېتەر؟ دەپ ئەنسىرىدۇق. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەت ئەمەلدارلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشىغا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئارىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقاندا، ناھايىتى خۇشال بولدۇق».

بىر مۇسۇلمان دىپلومات مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار باشقا بىر دۇنيادا ياشايدۇ، بىز ئۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پات-پات غەرب گېزىتلىرىدە ئۇچرىتىمىز. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا بىز ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە لايىق ھەقىقىي مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز، قۇرئان بىزگە بىدئەتچىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ يالغان خەۋەر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەلىللىشىمىزنى ئېيتىدۇ. بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇددىئاسىنى ‹پاك› دەپ پەرەز قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرمىز. ئەگەر ئۇلار يالغان سۆزلىگەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر راست بولسا، ئۇيغۇرلار شېھىد بولىدۇ، خۇدا ئۇلارغا رەھمەت قىلىدۇ.»

ئەمما «ئەلھۇدۇد» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلدارى ۋە دىپلوماتنىڭ ئىسىملىرىنى ئېنىق ئاتىمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا سولىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى دىنىي كىملىكىگە ھۇجۇم قىلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچىكىرى ئۆلىكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىلىپ مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئەمما، مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاينى قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن ياكى بۇنىڭغا كۆز يۇمغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1969-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، 57 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان. 2015-يىلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، پاكىستان، بەھرەيىن قاتارلىق توپلام نوپۇسى 1 مىليارد 800 مىليوندىن ئاشىدىغان 49 مۇسۇلمان دۆلەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان.

بۇ تەشكىلات «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئورتاق ساداسى» ئىكەنلىكىنى ۋە «خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش روھى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش» ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت