يېڭىساردا ئاياللارغا دوپپا سېتىش، ئەرلەرگە ناماز ۋاقتىدا ناخشا ئېيتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىلدى

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە خىلاپ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان غەيرىي بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.

يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدە يەرلىك دائىرىلەر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاياللارغا مەجبۇرىي ھالدا بىر دوپپىنى 90 سومدىن سېتىپ بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئاياللارنىڭ رومال ھەتتا ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەپ، ناھىيىدىكى ئاياللارنى يالاڭۋاش يۈرۈشىنى ياكى دوپپا كىيىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەرلەرگە قارىتا ئەتىگەنلىك بامدات نامىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ناماز ۋاقىتلىرى، بولۇپمۇ ھەر جۈمە كۈنىدىكى نامازدا يېزا، كەنتلەردە بايراق چىقىرىش ياكى قىزىل ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيىلەردە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشتە بۇ خىلدىكى غەيرىي يەرلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەلىللىشىچە، كۇچادا ئۇزۇن يوپكا كىيگەن ئاياللار كوچىلاردا چارلىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، يوپكىلىرى كېسىلىدىغانلىقى، كورلادا بىر يىلدىن بۇيان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن، رومال ئارتقان ئاياللارنىڭ قالمىغانلىقى، خوتەننىڭ قاراقاش، لوپ، كېرىيە، نىيە ناھىيىلىرىدە ۋە قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ساقال قويالمايدىغانلىقى، ئىلگىرى مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان مويسىپىتلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان «مەشرەپ»، «تەبرىكلەش» نامىدىكى پائالىيەتلەردە قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.