ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى: «ئۇيغۇر بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن مۇھەممەت، دەپ ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەك خوڭكوڭدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى دىنىي ئېتىقادقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىتى ئاشقۇنلۇق كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 8‏-مارت كۈنى خوڭكوڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە قىلغان.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ خىتايدا كاتولىكلار، مۇسۇلمانلار، تىبەتلىك بۇددىستلارغا قارىتا كەمسىتىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي كومپارتىيىسى دىندار كىشىلەردىن قورقامدۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىنجىلغا باش قويغان خەلقىگە ئىشەنمەيدۇ؟ ئۇيغۇر بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن مۇھەممەت، دەپ ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تىبەتلەرنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆزىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى ئۆزى سايلىشىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ تەكىتلىشىچە، سام بروۋېنبەكنىڭ سۆزى بېيجىڭنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەلقئارا نارازىلىقنى ئىپادىلىگەن.

بروۋېنبەك سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ لاگېرلار قانداق بولسا شۇنداق ئاتىشىمىز كېرەك. بۇ ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدۇر» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېرلاردا «تۇتقۇنلار جىسمانىي ۋە روھىي تەن جازاسىغا، سىياسىي ئۆزگەرتىشكە، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتا» ئىكەن. ئۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك ئاشقۇنلۇقنى تۈگەتمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ ئاشقۇنلۇقنى «پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت