دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىنىڭ ئىنتىزامنى بۇزغىنى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ 28-فېۋرالدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شې خۇي «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، كومپارتىيە ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى» ئېلان قىلىندى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 29-فېۋرال دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شې خۇينىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە تۈزۈملەرنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلىقى، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش، ئۆزىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇمات يوللاش قاتارلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، ج خ نازارىتىدىكى بارلىق خىزمەتلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللانغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە شې خۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدە ئىككى كۈن ئىچىدە جازالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان يەنە بىر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، دائىرىلەر 28-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىننىڭ پارتىيەدىن چىقىرىلىپ، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.