ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭىدىن بىر يۈرۈش ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىسىدىن يۇقىرى 10 نەپەر ئەمەلدارنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغان.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە نازارەتلەرگە يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان 10 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىچىدە 9 نەپىرى خىتاي، پەقەت بىر نەپىرىلا ئۇيغۇر ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارلىقىغا، جاڭ جىنبياۋ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا، ليۇ خۇيجۈن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى نازارەت ۋە ئىدارىلەرگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 7 نەپەر مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىچىدە، پەقەتلا مۇخبۇل ھەسەن ئىسىملىك بىرلا ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، ئۇ مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم بايانات بېرىپ، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۆلكە، نازارەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇلغانلىقىنى؛ رايوندىكى يېزىلىق پارتكوملاردىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سېكرېتارلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاردىن قويۇلغانلىقىنى؛ ئاتالمىش ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.