ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ شىبىن جازالاندى

خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ شىبىن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ شىبىن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

ئۇنىڭغا «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن جىنايەت بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلغان. خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋاڭ شىبىن سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان ھەم مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن.»

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، ۋاڭ شىبىننىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى ئىنتايىن تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئۆي - مۈلك خىيانەتچىلىكىگە ئائىت قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
ۋاڭ شىبىن دۆلەتنىڭ چېقىش- كۆچۈرۈش مەبلىغى بىلەن تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇنى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرز قىلغان؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتىگە ئارىلىشىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان.

ئىلگىرى رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ھۆكۈمەتنىڭ «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى بويىچە سېلىنىۋاتقان ئۆيلەردە خىيانەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نامراتلارغا تەگمەيۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ۋاڭ شىبىننىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جىنايەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان كۆپ قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردا مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت تورغا چۈشۈپ قالغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org