ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ جىددىي تەڭشىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.10.31

«بۈيۈك ئېرا» تورىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلار مەخپىي رەۋىشتە جىددىي يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىشىمۇ مۇشۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققىنى 2011-يىلىدىن بۇيان سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قانۇن ۋە جازا ساھەسىدىكى ئەڭ ھوقۇقدار شەخس بولۇپ ئىشلىگەن شيۇڭ شۇەنگونىڭ خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىدۇر.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جياڭ زېمىن گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولغان جاڭ چۈنشيەن ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار داۋاملىق رەتكە سېلىنغان ۋە تازىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سېكرېتارى چېن يۇەنخۇا قاتارلىقلار بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل ئەمەلدارلار يۆتكىلىشى ھەرقاچان بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلىكنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدىغان بولۇپ، يەرلىكنىڭ تەلەپ ياكى ئۈمىدى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.