ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن

2014‏-يىلى مۇخبىرلارغا «ئۇيغۇرلار ئۇسۇل ئويناش بىلەن ئالدىراش» دېگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، يېقىندا خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، يۆتكەپ كېتىلگەن 4 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ 4 ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەندىن باشقا 2 مۇئاۋىن رەئىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى تورىنىڭ خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ 13-دېكابىر شى داگاڭنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە يۆتكەش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغانلىقىنى، ئۇ، مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تىبەت مىللىتىدىن بولغان سىتانىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 58 ياشلىق شى داگاڭ ئەسلى سەنشىلىك بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئۆسكەن. ئۇ، 1998‏-يىلدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سكېرىتارى، 3‏-دېۋىزىيەنىڭ سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە قەشقەرنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇپ، ئەدەبىيات، سەنئەت ساھەسىدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرغان.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

شى داگاڭ، 2011‏-يىلى جاڭ چۈنشيەننىڭ قوللىشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن ئىدى.