«دۇنيا ئەيدىز كۈنى» يېقىنلاشقاندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

1-دېكابىردا يېتىپ كېلىدىغان «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» يېقىنلاشقاندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسەللىكىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنجاڭ ئەيدىز-جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى 11-نويابىر كۈنى ئۆز تەۋەسىدىكى ئورگانلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز جايلىرىدىكى ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.

بۇ ساھەدە خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مۇقىملىق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تەشۋىقاتلار ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئەيدىزنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرى سۇسلاشقان. بۇ ھال سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.