خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان گېن تەتقىقاتىغا بولغان نارازىلىق كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان گېن تەتقىقاتىغا بولغان نارازىلىق كۈچەيتمەكتە. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردىن بولغان «سپىرىنگېر تەبىئەت» ژۇرنىلى بىلەن «ۋايلېي» ژۇرنىلى بۇ ھەپتە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەزكۇر ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېن تەتقىقاتىغا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا‏ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇمشۇق شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چىرايىنى تونۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، مەزكۇر پروگراممىنىڭ خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىۋاتقان ئىككى خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ كىملىكى ۋە بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ بەزىلىرىنى گېرمانىيەدىكى بىر ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن، گېرمانىيەدىكى مەزكۇر ئىلمىي جەمئىيەت رادىيومىزغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى رەت قىلغانىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى ئىلمىي زھورنال ئۆزلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن DNA ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىقاتتا ئىشلىتىشتە كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالغان-ئالمىغانلىقىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى DNA تەتقىقاتىغا دائىر خەۋىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە خىتاينىڭ «ئىلمىي ئەخلاق» ئۆلچىمىگە سوئال پەيدا قىلغانىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئادەم لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىق ئېلىش-ئالماسلىق مەسىلىسىدە ھېچقانداق تاللاش ئەركىنلىكى يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت