خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن ئايدا 253 تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار توپىنى جازالىغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئۆتكەن ئايدا رايوندىكى تور بېكىتى، مىكرو بلوگ، ئۈندىدار توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 253 ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىنى تاقىغان، ئاگاھلاندۇرغان ياكى جازالىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ «تەڭرىتاغ تورى» غا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»، «تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى باشقۇرۇش چارىسى»، «تور خەۋەر-ئۇچۇر مۇلازىمىتى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن، خەۋەردە ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكى، جازالانغانلارنىڭ ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر تەرەپ قىلىنغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارمۇ بار ئىكەن. خەۋەردە، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۈندىدار توپى مەسئۇللىرىنىڭ 14 ئادەم قېتىمغا يېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر ئۈندىدار توپى رۇخسەتسىز ئۇچۇر تارقىتىپ، «خەۋەر-ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپىگە ئېغىر كاشىلا قىلغانلىقى» سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان، شۇنداقلا مەزكۇر ئۈندىدار توپىنىڭ مەسئۇلى سوراق قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، 2 مىليوندەك تۇتقۇننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقنى يولغا قويغان. كىشىلەرنىڭ شەخسىي قول تېلېفونىغا ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش يۇمتالى يۈكلەنگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017‏-يىلى چىقارغان ئۈندىدار توپلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بىر بەلگىلىمىسىدە، ئۈندىدار توپلىرىدا دىنىي، تارىخىي، سىياسىي، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت خاسلىقى گەۋدىلىك مەزمۇنلاردىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، مۇنازىرە قىلىش چەكلەنگەن. ھەرقانداق ئۈندىدار توپىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىپ، ئەگەر تىزىمغا ئالدۇرمىسا، شۇ توپنى قۇرغان مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.