ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنتېرنېتقا دائىر يېڭى جىنايەت تەبىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر ياشنى خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ «تور توسۇقلىرىدىن ئاتلاش ئەپلىرىنى چۈشۈرۈپ، 2-دەرىجىلىك تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ھادىسە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.

«يەر شارى ساداسى» تور گېزىتىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، كىمنىڭ نېمىنى چۈشۈرۈشى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئۇنچىۋالا چوڭ غۇلغۇلا قىلغۇدەك ۋەقە ھېسابلانمىسىمۇ، «توسۇق ئاتلاش ئەپلىرىنى چۈشۈرۈش» نىڭ 2-دەرىجىلىك تېررورلۇق قىلمىشى ھېسابلىنىشى بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك ھادىسە ئىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان بىرەيلەن «بىلىشىمچە، بۇ خىل بىر ياقلىق قىلىش پۈتكۈل خىتايغا ئورتاق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ خىتايغا ساياھەتكە بارغىنىمدا كومپيۇتېرىمغا ئورنىتىپ قويغان شۇ خىلدىكى ئەپلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشىمنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەردىن 1% تىن 3% كىچە بولغان كىشى چەتئەل تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مەخپىي ھالدا تور توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئەپلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە تور سۈزگۈچى جەھەتتىكى قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ دائىملىق سۆھبەت تېمىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.