ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار كەلكۈن ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان كەلكۈن ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چولۇقاي قاتارلىق جايلىرىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

5-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ھەمدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئېغىر دەرىجىدىكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

كۈچلۈك قۇم-بوران تەسىرىدە كۆپلىگەن جايلار، ھەتتا بىر قىسىم شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىمۇ توپا-تۇمان ئاستىدا قالغان، ھاۋا بوشلۇقى سېرىق رەڭگە كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە چەرچەن ناھىيەسى ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇم-بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغا چۈشۈپ قالغان. ھاۋارايى ئىستانسىلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشىنى، ئاپتوموبىللارنى ئەڭ ئاستا سۈرئەتتە ھەيدەشنى تەۋسىيە قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋارايىدا ئېغىر دەرىجىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا كۆپ قىسىم رايونلار قۇم-بوراننىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچرىماقتىكەن. يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ھاۋارايىدىكى نورمالسىزلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.