خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى، ئەيدىز مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «بېيجىڭ ئەيجىشىڭ ئىنستىتۇتى»نىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ يامرىشىغا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كەمسىتىش سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋەن يەنخەي ماقالىسىدە، ب د ت ئەيدىز كېسەللىرى ئىشخانىسى باشلىقىنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ماختاپ ئېيتقان «جۇڭگو ھازىر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، خىتايدا، بولۇپمۇ غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋەن يەنخەي ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىش ۋە قورقۇش كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان داۋالاش ئورۇنلىرى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاشنى رەت قىلىدۇ، يېزا، كەنت دوختۇرخانىلىرىدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر».
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «مەسىلەن، جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى كۆچمە نوپۇستىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قورقۇش سەۋەبلىك ئۇلار ئەقەللىي ياشاش كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ تۇراقلىق ئورنى مۇقىم ئەمەس، ھەممە يەردە تەكشۈرۈش، قوغلىنىش قىسمىتىگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ داۋالىنىش ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.»
