ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
2016.04.15
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى 15-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە چاقىردى.
مەزكۇر بايانات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 13-ئاپرېل چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ناملىق گۇرۇپپا باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» نى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ماختاپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى دوكلاتتىكى مەسىلىلەرگە دەرھال چارە تېپىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن قارىغاندا تەن جازاسى، قانۇندىن ھالقىپ ئۆلتۈرۈلۈش نەتىجىسىدە قانچىلىك ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.»
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى مەزكۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى باياناتىدا يەنە، «بىز، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە، بۇنى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئورتاق دىئالوگ قۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىمىز. ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز-ئارا ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلەنگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا داۋاملىق خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.









