بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا 460 مىڭ كىشى «ئىشقا ئورۇنلاشقان»
2022.02.16
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەر-بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن «ئىشقا ئورۇنلاشقان».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆت يېرىم پىرسەنت بولۇپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مۇقىم بولۇش، باشقا ئورۇنلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىزچىل بولۇش» تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەرلەردىن كەلگەنلىكى ۋە قانداق ئورۇنلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئېيتىلمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇلارنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى پائالىيەتلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ۋە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەرزان باھالىق «زامانىۋى قۇللار» قاتارىدا خىتايلارنىڭ تۈرلۈك زاۋۇتلىرىغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. نۆۋەتتە بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قەيەرلەردىكى قانداق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.