روشەن ئابباس خانىم: «بايدىن ھۆكۈمىتى مېنىڭ ھەدەم ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرمە-لاگېردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم 25-يانۋار «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىدىن دوكتور گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرمە-لاگېرلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

روشەن ئابباس خانىم بۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىپ، 20 يىل كېسىۋەتكەن ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دۇچ كەلگەن پاجىئەنى تىلغان ئېلىپ، مۇشۇ تىپىك ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەقەدەر رەزىل، قەبىھ ۋە زوراۋان ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، يىللاردىن بېرى پۈتۈن ئۇيغۇرغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارغا خىلمۇ خىل پەسكەش نەيرەڭلەر، قورقۇنچلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق پىلانىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. خىتاينىڭ مەقسىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىش، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈش ۋە دۇنياغا كېڭەيمچىلىك قىلىش. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن خىتاينىڭ داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ جىنايىتىنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن خىتاينىڭ «زامانىۋى قۇللۇقنى نورماللاشتۇرۇش، دۇنيانى مەنپەئەت ۋە كۈچ تالىشىش سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇش» تاكتىكىسىغا زەربە بېرىش لازىم. ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرى بىلەن سودىلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنى بۇ قىلمىشتىن توختىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىيە ۋە سودا ئالاقىلىرىدە زامانىۋى قۇللۇققا خاتىمە بېرىش ئىشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەك. خىتايغا ئىقتىساد جەھەتتىن زەربە بەرمىگۈچە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم قىلغىلى بولمايدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرمىغىچە لاگېرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

روشەن ئابباس خانىم جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا، «تاموژنا بېجى قانۇن لايىھەسى» نىڭ 307-ماددىسىغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ماللارنى ئىمپورت قىلماسلىققا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇشتىن توسۇشقا چاقىرىق قىلغان.