خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى پەردازلايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىدا قاماپ، ئۇلارنى مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۈگۈن «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دا «مېنىڭ ھاياتىم ئاخىرى رەڭدارلىققا تولدى-تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى رېياللىققا ئايلاندى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بىر مۇخبىرى يېقىندا خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقان تاجىگۈل تۇرسۇنمەمەت، ئابلەت ئابلىمىت، شىرئەلى روزىسايىت قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-ئۇسۇلغا ھېرىسمەن بولغان تاجىگۈل دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ناخشا ئېيتمايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ قانۇنسىز دىنىي دەستۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاتالمىش قانۇنسىز دىنى دەستۇرلاردا دۆلەت كادىرلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلماسلىق، ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشماسلىق، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، ئۇلار ئاغرىپ-تارتىپ قالسىمۇ يوقلاپ بارماسلىق، باشقا دۆلەت ياكى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، ئايال كىشى ئىشلىمەي ئۆيىدە ئولتۇرۇش، ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، ئايال كىشىنىڭ تاپقان پۇلى ھارام دېگەن گەپكە ئىشىنىش دېگەندەك ئۇقۇملار يەر ئالغان ئىمىش.

تاجىگۈل خوتەن ناھىيەسىدىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە كەلگەندىن كېيىن ئىدىيەسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان قالغان ياشلارنىڭمۇ تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېلىنگەندىن بېرى تۇرمۇشىنىڭ رەڭدارلىققا تولغانلىقى، بۇ يەردە ھەممەيلەننىڭ بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنى بەختلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلىرىدىن قېچىپ چىققان شاھىتلار بولسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلاردا بەرگەن گۇۋاھلىق بايانلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ لاگېرلاردا قېيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسى بارلىقىنى، بۇ يەرلەردە تۇتقۇنلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن پاكىزە ۋە ئازادە مۇھىتلاردا كەسپىي تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي لاگېرلارنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئىنساننى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا يىغىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئېغىر جىنايەت دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت