خىتاي لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۇنى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئوخشاتقان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۇنى ھەتتا ئامېرىكا كۇبادىكى ھەربىي بازىسىغا قۇرغان گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئوخشاۋاتقان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى كارغا كەلمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر سۆھبەتكە قاتناشقان ئىككى نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خادىمى خىتاينىڭ بۇ خىل بىمەنە ئوخشىتىشىغا مىساللار بىلەن رەددىيە بەرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان ئىككى ئامېرىكالىق ئەمەلدار گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرى ئادۋوكات ياللىيالايدۇ، ئادىل سوتلىنىدۇ، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭدا مەۋجۇت ئەمەس، دەپ جاۋاب بەرگەن.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن قولغا چۈشكەن دۇنياۋى تېررورچىلار ۋە تېررور گۇماندارلىرىنى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامىغان.

«كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى تورى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ جايغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 780 گۇماندار قامالغان، كېيىن ئۇلارنىڭ 40 نەپىرىدىن باشقا ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 21 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، -مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا بەند قىلغان.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا كۇلتۇر ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئادرىيان زېنز يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا تۇتقۇنلار سانىنىڭ بىر يېرىم مىليونغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان زېنز ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە بېرىلگەن ئەنئەنىۋى ئىزاھاتلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدا شاھىت بولۇۋاتقىنىمىز پۈتۈنلەي باشقىچە. ئۇ سان جەھەتتىنلا ئەمەس، سۈپەت جەھەتتىنمۇ پەرقلىق. بۇ بىر زور كۆلەمدە زورلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي-كۇلتۇرال قايتا ياساپ چىقىش قۇرۇلۇشى. بۇ پەقەت بىر ئىنساننىڭ جىسمانىيىتىگىلا قارشى ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ روھىيىتىگىمۇ قارشى ئىشلەنگەن ئېغىر جىنايەتتۇر.»

ئامېرىكادىكى «ئالىي مەكتەپ خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدىمۇ خىتاينىڭ ھەر قانداق قىلسىمۇ ئىنسانىيەتكە قارىشى ئىشلەۋاتقان بۇ جىنايى قىلمىشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلىرى ئامېرىكا كۇبادا قۇرغان گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت