«خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدىكى چىرايلار» ماۋزۇلۇق پروگرامما مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
2023.04.27
ئەنگىلىيە BBC رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەلقئارادا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دەپ ئېلان قىلىنغان زور ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدە ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىللىق ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدىكى چىرايلار» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ پروگرامما BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى جون سودۋورسنىڭ ئاپتورلىقىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ فىلىمنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار قاتارىدا يەنە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىمامۇ بار ئىكەن.
«خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدىكى چىرايلار» ناملىق پروگرامما 2022-يىلى 5-ئايدا BBC رادىيوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر زور ھەجىملىك مەخسۇس خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۈچ مىڭغا يېقىن تۇتقۇننىڭ فوتو سۈرىتى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ لاگېرلاردا قانداق «خىزمەت» قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر، لاگېرلارنى ئىدارە قىلىشقا دائىر «قەتئىي مەخپىي» دەپ نام قويۇلغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى تولىمۇ جانلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، BBC نىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك خەۋىرى يىللىق ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ «رەقەملىك تاراتقۇ قوللىنىش» تۈرى بويىچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ داڭلىق ئاخبارات مۇكاپاتى ئۆتكەن بىر يىل بويىچە ئېلان قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق ئاخباراتچىلىقىنى باھالاپ چىقىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ئۇنىڭ 2023-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 26-ئاپرىل كۈنى كەچتە ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن.