ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار كۆپلەپ تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.18

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرى نامىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى، بۇ جايلاردىكى «كۇرسانتلار» نىڭ جەمئىيەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەدىكى «ئاسمان خەۋەرلىرى»(Sky News) نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىن كۆپ يىراق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۇلار 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان قىسقا فىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى قەشقەردىكى كوچىلاردا ئۆزلىرى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ پۈتۈن ئىزنالىرىنى، جۈملىدىن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، چارلاپ يۈرگەن توپ-توپ ساقچىلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگەن. ئېغىر سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئىپادىلىرى بۇ ھالەتنىڭ يەنە قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىشىغا جاۋاب بېرەلمەس ھالەتتە ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىققان. شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا لاگېر قىلىپ ئىشلىتىلگەن جايلارنى تاپقان ھەمدە نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان.

مۇخبىرلارنىڭ كۆرگىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تىكەنلىك سىم توسۇق بىلەن ئورالغان لاگېر بىنالىرىنىڭ ھازىرمۇ شۇ قىياپىتىنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا تاشلاندۇق قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئولتۇراق ئۆيلەرگە ياكى مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بولغان. ئەمما لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرگە خېلى بولغان بولسىمۇ، مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھېچكىم كۆرمىگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مەمەتجان جۈمە ئەينى ۋاقىتتا لاگېرغا قامالغان ئىنىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىرمۇ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى تەستىقلىغان.

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى شەھەر سىرتىغا جايلاشقان لاگېرلارنى تاپقاندا بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ تولۇق ئىشلەش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان كېڭەيتىلىپ تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى بايقىغان. يەنە كېلىپ ئىلگىرى يوق بولغان كۆزىتىش مۇنارلىرى قوشۇلغان. كېڭەيتىلگەن تۈرمىلەرنىڭ يېنىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆزىتىش مۇنارلىرى بولسا ئېلىۋېتىلگەن. 2021-يىلى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ھەمدە ئاشۇ لاگېرلارنىڭ بىرىدە يېتىپ چىققان بىر سابىق مەھبۇس ئايال «نۇر» تەخەللۇسىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «لاگېرغا قامالغانلار ھازىر تۈرمىلەردە. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازادلىققا چىققىنى يوق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.