ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان يۇقۇمدارلار سانى بىلەن خىتاينىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق كۆرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.08.14

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ پەسىيىشكە قاراپ ماڭغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كارانتىن تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 13-ئاۋغۇست ۋىدېيو يىغىنى چاقىرىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق» نى تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قايتا تارقىلىشى بىلەن يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. مەھەللە، ئولتۇراق رايونلارنى قامال قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆيلىرىدە نەزەربەند قىلغان. ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختاتقان. ئاممىۋى پائالىيەت، دۇكان، سودا سارايلارنى تاقاپ، پۇقرالارغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يىغىنىدا چېن چۈەنگو: «نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئەڭ قىيىن باسقۇچتا تۇرماقتا،» دېگەن. ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى ئاستىدىكى مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى رايوندا يۇقۇمنىڭ پەسىيىشكە قاراپ ماڭغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ كۈنسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان مەزگىلدە قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 13-ئاۋغۇست كۈنى رايوندا 8 نەپەر يۇقۇمدار بايقىلىپ، رايوندىكى ئومۇمىي يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 464 نەپەرگە چۈشكەن. كارانتىن ئاستىدىكى گۇمانلىق يۇقۇمدارلار سانى 12501 نەپەرگە ئازلىغان. لېكىن كۆزەتكۈزچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتى گۇمانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىگە ماس كەلمەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.