ئادرىيان زېنز ئاشكارىلانغان يېڭى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تۇتقۇن سانىنى 1 مىليون 800 مىڭغىچە دەپ مۆلچەرلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2018-يىلى 18-سېنتەبىر، جەنۋە.
ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2018-يىلى 18-سېنتەبىر، جەنۋە.
REUTERS

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت يەنە بىر تۈركۈم مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلاندى.

24-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئېنىق تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدىكى تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ 24-نويابىر يەكشەنبە كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە «خىتاي بىزنىڭ بىلىشىمىزنى خالىمىدى، بىراق ئۇنىڭ ھۆججەتلىرى ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغان مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى.

ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدىكى بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن ئىمزا قويغان «دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك مەخپىي تېلېگراممىسى» بولۇپ، بۇ تېلېگراممىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» نى مۇتلەق مەخپىي ساقلاش ھەققىدىكى يوليورۇقلار ئورۇن ئالغان. مەسىلەن، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەرقانداق بىر شارائىت ئاستىدا «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش» كە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىغا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قول تېلېفون، ئىنتېرنېتقا قويۇشىغا، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھۆججەتتە يەنە لاگېر ئەتراپلىرىغا ئورنىتىلغان بىخەتەرلىك نازارەت كامېرالىرى، كۆزىتىش مۇنارلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلارمۇ بار ئىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدە يەنە، لاگېرلارغا ئەكېتىلگەن، تۈرمىگە سولانغان ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، ئادرېسىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇنىڭ بىر قىسمى ئالاھازەل 800 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسقا ئىگە بولغان ۋە نوپۇسنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغان يەركەن ناھىيەسىگە ئائىت بولۇپ، 2018-يىلى چىقىرىلغان بۇ ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيەسىدىكى قورامىغا يەتكەن نوپۇسنىڭ 16 پىرسەنتكە يېقىنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، قوشئېرىق ناھىيەسىدىكى «ئەسەبىيلىك بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىككى يېزىدىكى 60 پىرسەنت ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ۋە ئۇنىڭدىن كۆپى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئادرىيان زېنز بۇ ھۆججەتلەردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30-ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەرلەرنى ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەردە لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا ئائىت بىر ئۇچۇر يوق بولۇپ، بۇ يەنىلا مۇتلەق قوغدىلىۋاتقان بىر مەخپىيەتلىك ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ئادرىيان زېنز بۇ ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى قايتىدىن ھېسابلاپ چىققان. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلى باھار پەسلىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشى سانى 900 مىڭدىن 1 مىليون 800 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھۆججەتتە يەنە لاگېرلاردا تەربىيەگە ماسلاشماي، تىركەشكەنلەرگە «ھۇجۇم خاراكتېرلىك تەربىيە» يۈرگۈزۈش تەلىماتى بېرىلگەن بولۇپ، مانا بۇ لاگېرلاردا مەجبۇرلاش ۋە قىيىن-قىستاقنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا 2015-2018-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋىلايەتتە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 84 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن.

ئادرىيان زېنز ماقالىسىدە مانا مۇشۇنىڭدىنلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنىڭ پەقەت لاگېردىكىلەرلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت