ئۇيغۇر رايونى مائارىپ دائىرىلىرى 2020-يىلغا قەدەر 15 يىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2016.01.15
ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر رايوندا 2020-يىلغا قەدەر 15 يىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر نىشان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» ئى مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر نىشان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەر «قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئانا تىلنى يوقىتىپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىدۇ» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، قوشۇمچە مۇئاۋىن نازىرى لياڭ چاۋنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە چۈشەندۈرۈشىچە، دائىرىلەر 2020-يىلغا قەدەر 3 يىللىق يەسلى مائارىپىنى 85 %, 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى 95 %, تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى 90 % گە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان.
خىتاينىڭ مائارىپ قانۇنىدا مەجبۇرىي مائارىپ 9 يىللىق بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر 2012-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە 12 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. دائىرىلەر ئىلگىرى «9يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تاماملىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە قويۇپ بەرمەي داۋاملىق مەكتەپلەردە تۇتۇپ تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىلىق» دېگەن ئىدى.









