ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يانفون قوللىنىش چەكلىنىشى دىققەت قوزغىدى
2021.02.09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدە يانفون قوللىنىشنى بىردەك چەكلىگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» دە تارقىتىلغان خەۋەردىن قارىغاندا يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى «باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆچمە تېلېفوننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفونلىرىنى مەكتەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «زۆرۈر بولمىغۇچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇنىنى مەكتەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە يازما ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ‹چەكلىك كىرگۈزۈش› پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ بۇنچە جىددىي ھالدا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يانفوننى چەكلىشى دىققەت قوزغىدى. بۇ قارارنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇشى بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتا قاتتىق ئۇرغان كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئېلىنغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىدىن قاچمىدى.
2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا رەھىمسىزلەرچە قاتتىق ئۇرغان كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. مەزكۇر ۋەقە رادىيومىز تەرىپىدىنمۇ سۈرۈشتۈرۈلۈپ خەۋەر قىلىنغان. نەتىجىدە پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قۇلىقىنىڭ تاياق زەربىسىدە يارىلانغانلىقىنى دەلىللەشكە مەجبۇر بولغانىدى.