ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىگە ئاماشتۇرۇلغانلىقى نارازىلىق قوزغىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن،«قوش تىل مائارىپى» نامىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قىسقارتىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلەرنى ئازايتىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا دائىرىلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگىمۇ قايتىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دەرسلىكتىكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى كىرگۈزۈشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىققا سەۋەب بولغان،

ئۈندىدار تورىدا 12-مارت ئېلان قىلىنغان «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەلەپ قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە كونا ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكى مۇندەرىجىسىنىڭ فوتو كوپىيىسى بېرىلىپ، يېڭى دەرسلىكتە چىقىرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئەينەن كۆرسىتىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

مالالا تەخەللۇسلۇق تورداش تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا يېزىلغان ماقالىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ: «ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كۈندە ئاران بىر سائەتلا ئانا تىل دەرسىدىن ساۋات ئالىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زاماندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر ئەپسانە-رىۋايەت، تارىخلىرىدىن ساۋاتسىز قالمامدۇ؟! ھازىرقى شارائىتتا ئەۋلادلىرىمىز خەنزۇچە دەرسلىكتىن قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى، خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنسە بولىدىغۇ؟! چۈنكى ھۆكۈمىتىمىز بۇ شارائىتنى ھازىرلىدى، ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئاز بولغان ئانا تىلى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەمۇنىلەر ئازايتىۋېتىلسە 50 يىلدىن كېيىن، 100 يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.