ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدىن ئىلگىرى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

رادىيومىز ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلار ۋە خىتايدىكى تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يازلىق تەتىلدىن ئىلگىرى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاقسۇدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەپتە ئاخىرى، يەنى 15-ئىيۇل تەتىلگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ خەۋەرلەر بېرىلدى.

«نۇر تورى» نىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدا دائىرىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 400 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە نىزامى، دىن ئىشلىرى نىزامى، ئاساسى قانۇن، مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى قاتارلىق 24 تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە ئۆگىنىش قىلىپ، كىتاب ئۇقۇش خاتىرىسى ۋە تەسىرات يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئەمما، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئاھالىسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن «بىڭتۇەن»، يەنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مەكتەپلىرىدە ۋە باشقا خىتاي مەكتەپلىرىدە مۇنداق سىياسىي ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاھالىلەرگە قاراتقان مېڭە يۇيۇش خاراكتېرىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتىنى ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتە كۈنسايىن كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەم دېھقانلارنىڭمۇ قىزىل ناخشا ئېيتىش ۋە باشقا سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە سەپەرۋەر قىلىنىشى ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.