ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى چارشەنبە كۈنى بەلگىلىمە چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدىن چىقىرىۋالغان ئاتا-ئانىلارنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بەلگىلىمە 11-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان.
خىتاي مائارىپ قانۇنىدا مەجبۇرىي مائارىپ 9 يىللىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونى 2012-يىلى يەرلىك بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا 12يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. دائىرىلەر، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، مەقسەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپتىن كېيىن داۋاملىق مەكتەپلەردە تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يېڭى چىقارغان بەلگىلىمىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش، قورقۇتۇش ياكى دىنىي ناملاردا ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى داۋاملىق ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەرقانداق ئاتا-ئانا ۋە كىشى جازالىنىدىكەن.
خەۋەردە، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەقەت جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرگە چىقىرىلغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن،. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلدىن بۇرۇن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاران 23% ئى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىدىكەنتۇق.
