خىتاي تاراتقۇلىرى بىر قىسىم يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەنتلەردە قۇرۇلغان زاۋۇتلار» دا ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۈچۈن «كەنتتە قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھەتتا يېزا ئاھالىلىرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.

«تەڭرىتاغ تورى» 2-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسى نىلقا كەنتىدە ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى› ۋە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە ئاياللىرى كۆپ بولۇشتەك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بۇ مەھەللىنىڭ ئىلى مايى ئۆي ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى غۇلجا شۆبە شىركىتىنى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، 60 تىن ئارتۇق ئائىلە ئايالىنىڭ بىر تۈرلۈك ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى،» دېيىلگەن.

خەۋەردە ھازىرغىچە 861 ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنە بىر خەۋەردە قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسى قالۇق كەنتىدە «شىنمىڭ داداۋ» كىيىم تىكىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، كەنتتىكى 45 كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە بۇ خەۋەرنىڭ سۈرىتىدە ئۇيغۇر ئايال ئىشچىلار كۆرسىتىلگەن.

چەتئەللەردىكى نۇرغۇن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەۋەر ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق ئاتالمىش «كەنتكە ماكانلاشقان زاۋۇت-كارخانىلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن بىر دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىغانلىقى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا 40 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياش كىشىلەر بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن.