قەشقەردە قۇم بوران ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ئاپىتى يۈز بەردى
2016.05.17
16-ماي دۈشەنبە كۈنى كەچتە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىرقانچە ناھىيىدە قۇم-بوران ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ، دېھقانچىلىققا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن.
17-ماي سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاراتقۇلىقرىدىن خەلق گېزىتىنىڭ ئاپەت ھەققىدىكى خەۋىرىدە، 16-ماي كەچقۇرۇن قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدە گۈلدۈرمامىلىق قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇر مىقدارىنىڭ سائىتىگە 7.9 م م غا يەتكەنلىكى، ناھىيە بازىرىدا سۇ كۆلچەكلىرى ھاسىل بولۇپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەردە تاشقىن يۈز بەرگەنلىكى، شۇ كۈنى يەنە، مارالبېشى، پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بېرىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشى تەسلەشكەنلىكى، قارا بوران دەستىدىن ناھىيە بازىرى قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ، دەل-دەرەخلەر سۇنۇپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
قەشقەر ھاۋارايى ئىدارىسى قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى ناھىيىلەرنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىرغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى ھادىسىسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 14-مايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلارمۇ بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شامال كۈچى 10 بالغا يېتىپ، شۇ كۈنى ئۇچۇش بەلگىلەنگەن 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختاپ، يولۇچىلار ئايرودرومدا قاپسىلىپ قالغان.









