خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.06.06

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «كانچىلىقنى ئازايتىپ يېشىللىقنى قايتۇرۇۋېلىش، چارۋىچىلىقنى تارايتىپ ئورمانچىلىقنى كېڭەيتىش، تېرىقچىلىقنى كىچىكلىتىپ ئوت-چۆپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پىلان بويىچە، دائىرىلەر تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى سانجى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا 100 دىن ئارتۇق كان ۋە ئېچىش نۇقتىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى مەلۇم. ئۇندىن باشقا، يېقىندا يەنە «ئىلى دەريا ھاۋزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئىلى دەرياسىنى بويلاپ قۇرماقچى بولغان 34 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە يەنە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ يەنىمۇ ئۇزاققا ئېقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پىلانى قەيت قىلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى كۆمۈر كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئىسسىتىلىدىغان پار قازانلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە تەبىئىي گاز ئارقىلىق ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنى «ئالدى بىلەن قالايمىقان ئېچىپ ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل خەجلىگەنلىكتۇر» دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.