دائىرىلەر زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغان ئىبنۇر كۆلى مۇھىتىنى تۈزەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 8- ئىيۇن چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پىلانى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەن. خەۋەردە يەنە بۆرتالا ۋادىسىغا جايلاشقان ئىبنۇر كۆلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، «بۇنىڭ بىلەن ئىبنۇر كۆلى بالدۇرراق زۇمرەتتەك جۇلالىق ھالىتىگە قايتقۇسى» دېيىلگەن.

خەۋەردە ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، خىمىيەلىك بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئىبنۇر كۆلىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى بولغان بۆرتالا دەرياسى بىلەن جىڭ دەرياسىنىڭ سۇ مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۆرتالا ۋادىسىغا جايلاشقان ئىبنۇر كۆلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بۇيان مەزكۇر رايونغا قۇرۇلغان ھەر خىل خىمىيىۋى زاۋۇتلارنىڭ سۇ بايلىقىنى زىيادە خورىتىشى، خىمىيىۋى ماددىلارنى كۆپلەپ قويۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئىبنۇر كۆلىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەپ كۆل ئەتراپى قاقاسلىشىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ رايونلاردىكى مۇھىت ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن كانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى، ھەر خىل خىمىيەۋى زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر رايونى سۇ مەنبەلىرى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.