خىتاي مۇھىت تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر، خوتەن رايونلىرىدا جۈمە كۈنى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن.
شۇ كۈنى ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن شەھەرلەر ئىچىدە خوتەن ۋە قەشقەردىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ شى جياجۇاڭ، جىنچاڭ، ۋۇۋېي قاتارلىق 3 شەھىرى بار ئىكەن.
خىتاينىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ھەر كۇپمېتىر ھاۋانىڭ شۇ كۈنلۈك تەركىبىدىكى چاڭ توزاڭ ۋە زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارىغا قاراپ، 5 دەرىجىگە بۆلۈنگەن. 5- دەرىجە ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 300 دىن 500 گىچە بولغان پەۋقۇلئاددە ئېغىر بۇلغىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
قەشقەر، خوتەن، ۋە خىتاينىڭ جىنچاڭ، ۋۇۋېي، شىجياجۇاڭ شەھەرلىرىنىڭ جۈمە كۈنكى ھاۋاسى، كۆرسەتكۈچتىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بۇلغىنىش دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. خىتاي ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچىدە قەيت قىلىشىچە، ئەگەر ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى 300 دىن ئېشىپ كەتسە، بۇ يۈرەك، نەپەس يولى كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ، نورمال كىشىلەردە بەلغەم، زىققە، يۆتەل، گال ئاغرىقى، كۆز ئاغرىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا خىتاينى ھاۋا بۇلغىنىشى ئەجەللىك ئېغىر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2012-يىلى خىتايدا بىر مىليون ئادەم بۇلغانغان ھاۋا سەۋەبلىك ئۆلگەن.