دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» نى كۆپەيتىشى مۇھىت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا
2016.12.05
2-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇرچىن، ماناس، سانجى، قۇتۇبى ۋە يېڭىسار تەۋەسىدىكى 5 چوڭ قۇملۇق رايونىنىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى بۇ يىل خىتاي بويىچە جەمئىي 15 «دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» نى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» نىڭ سانى 22 گە يېتىپ، خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان «دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىلىرى» نىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەقسىتى مەنزىرە ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىچكى موڭغۇل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان قۇملۇق ساياھەتچىلىكى گەرچە رايون مىقياسىدا مەلۇم ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەرلەردىكى مۇھىتنىڭ سۈنئىي رەۋىشتە بۇلغىنىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئېكولوگىيەلىك زىيان ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان.
ئىلگىرى ئادەم ئايىغى تەگمىگەن قۇملۇق رايونلار زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىشى ۋە ئاسان چىرىمەيدىغان ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئەزەلدىنلا مۇھىتقا سەزگۈر كېلىدىغان قۇملۇق ئېكولوگىيەسىدە جىددىي بۇزۇلۇش كېلىپ چىققان.
مۇھىت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەردە ئىچكى موڭغۇل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇق رايونلارنىڭ مۇھىت مۇۋازىنىتى قوغدالمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ قۇرغاق رايونلار ئېكولوگىيەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.









