ئۈرۈمچىدە قىش پەسلىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.06

2016-يىلى قىش پەسلى كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى شىخەنزە، سانجى، بورتالا قاتارلىق جايلاردا قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى ھادىسىسى ئېغىرلاشقان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قېنىق سېرىق رەڭلىك تۇمانلىق ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ قېتىم سانى كۆپەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ناچار ھاۋارايى ھادىسىسى ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ 6-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تۇمان ئەڭ ئېغىر بولغان ئۈرۈمچىدە سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدىن باشلاپ، شەھەر كوچىلىرىدا 100 مېتىر دائىرىدىكى ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار كۆرۈنمەيدىغان، شەھەر مەركىزى ئاق قوۋۇق(نەنمىن ) ئەتراپىدا 50 مېتىر دائىرىدىكى ئېگىز بىنالار قويۇق تۇمان ئىچىگە غەرق بولغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىدارىسى بۇ خىل قويۇق تۇماننىڭ كەلگۈسى 12 سائەت ئىچىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قېنىق سېرىق رەڭلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى بەرگەن ۋە ئاھالىلەرنى جىددىي ئىشى بولمىسا كوچىغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى بارغانچە ئېغىرلاشقان. بولۇپمۇ خېبىي ئۆلكىسى، ئۇيغۇر رايونى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا سېرىق رەڭلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلىدىغان كۈنلەرنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا خىتايدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نامىدا، مۇھىتنى بۇلغايدىغان كان بايلىقلىرىنىڭ زىيادە كۆپ ئېچىلىشى، خىمىيىلىك زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالغا ئېتىبارسىز قارىغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەندىشىگە چۈشكەن بولۇپ، خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ 6-دېكابىر خەۋىرىدە يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى يېقىندا «13-بەش يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش پىلانى» نى بېسىپ تارقاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.