ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مۇقىملىق خىزمىتىنى ھىمايە قىلىش» بويىچە نەق مەيدان يىغىنى ئاچقان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مۇقىملىق خىزمىتىنى ھىمايە قىلىش» بويىچە 14-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغا قەدەر خوتەندە نەق مەيدان يىغىنى ئاچقانلىقى مەلۇم.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغاش بىلەن قاتتىق مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ھىمايە قىلىش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

جاڭ چۈنشيەن شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ قېتىملىق مۇقىملىق خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان تەكشۈرۈش يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ بىرىنچى قول پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، سىياسىي قانۇن سېكرېتارلىرى شۇنداقلا جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستقا قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشقان.

خوتەندە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىندا ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ خىتايلاردىن قويۇلغان بىرىنچى قول پارتكوم سېكرېتارلىرى «ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان.

ئاتالمىش «مۇقىملىق» خىزمىتىنى بويىچە خوتەندە چاقىرىلغان بۇ قېتىملىق نەق مەيدان يىغىنىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى كەسكىن، سۆز-ئىبارىلىرى قاتتىق بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ رايوندا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.