يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو ج خ نازارىتىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.09.05

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى سانىدا، ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭى تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 3-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى چىڭ ۋەزىپە ۋە 1-ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ خەۋەر قىلىنىشى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

نيۇيوركتىكى ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەنلا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىشى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭغا سادىقلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى بېشارىتى ۋە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ھوقۇق كۈرىشىدە رەئىس شى جىڭپىڭغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.