ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلار پارتىيىنىڭ سىياسىتى ۋە قۇرۇلتاي روھى بويىچە تەربىيىلەشكە قاتناشتۇرۇلغان

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 12-دېكابىردىن باشلاپ «تايانچ ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 كە يېقىن كۇرسانتى پارتىيىنىڭ سىياسىتى، قۇرۇلتاي روھى بويىچە تەربىيىلەشكە باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 2016-يىللىق تايانچ ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن كەلگەن ئىختىيارىي مۇخبىرلار، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇھەررىر ۋە مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان كۇرستا قانداق قىلغاندا پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان تور خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شۇنداقلا قانداق قىلىپ جامائەت پىكرىنى يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدىكەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدىمۇ مەخسۇس ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي ئاخباراتچىلاردىن بولۇشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتچىلىق خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى چىقىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇرغا قاراتقان كونترولى ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.