ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق ھەققىدە قىلغان سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
شىنخۇا تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ 18-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-22 -
-
-
شىنخۇا تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ 18-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشنى مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتكىلى، دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ مەنبەسىنى يالغۇز نامراتلىققىلا باغلاپ قويۇشىغا قوشۇلمايدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاڭ ياڭنىڭ نامراتلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەقىقىي مەسىلىنى بۇرمىلىغانلىق، دېدى.
خەۋەردە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلەشكەن رايون، چېگرا رايون، ئېگىزلىكتىكى چۆللۈك رايون، تەبىئىي شارائىتى ناچار، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ، دەپ يېزىلغان. ئەمما ئۇنىڭ مول نېفىت زاپىسىغا، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك كان بايلىقلىرىغا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ۋاڭ ياڭ سۆزىدە نامراتلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان يىلتىز ئامىلنى تېپىپ چىقىشنى ۋە قوش تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.
دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلۇۋاتقان مىليونلىغان توننا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ئازراق مىقدار ئايرىلغان تەقدىردە، نامراتلىقنىڭ يىلتىزىدىن ھەل بولىدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان تەڭسىز سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.